خىتاي تەيۋەن ئەتراپىدا دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكچى

0
68

خىتاينىڭ دېڭىز بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇ ھەپتە خىتاي ئارمىيىسى تەيۋەن ئەتراپىدا دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئېلىپ بارماقچى ئىكەن. بۇ خەۋەردىن  بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر تەيۋەن مۇكەممەل مۇستەقىللىققا ئېرىشىشكە ھەرىكەت ئېلىپ بارسا  بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇرۇشقا تەييار دېگەن.

خىتاي دېڭىز بىخەتەرلىك ئورگىنى بۇ مانېۋىرنىڭ چېسلاسىنى ياكى  قايسى قىسىملارنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان بولۇپ، بۇ ئورگان تەيۋەننىڭ غەربىگە توغرا كېلىدىغان گۇاڭدۇڭ ۋە فۇجىئەن  ئۆلكىلىرىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا ھەربىي ھەرىكەت سەۋەبلىك پۇقرالارنى  7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دىن 8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 6 گىچە يېقىنلىشىنى چەكلىگەن.

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاي تەيۋەن ئاراللىرى ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىرلارنى كۈچەيتىۋاتىدۇ.

2019/07/30

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here