كامبودژانىڭ خىتايدىن قورال-ياراغ سېتىۋېلىشى كۆپەيمەكتە

0
202

كامبودژا بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقان ھەربىي مۇناسىۋىتى ئامېرىكىنى ئەنسىرەتمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە، كامبودژا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن مەخپىي كېلىشىم ئاستىدا كامبودژاغا خىتاي ئارمىيىسىنى كىرگۈزمەكچى ئىكەن. ئەمما بۇ خەۋەرنى كامبودژا ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلمىغان.

7-ئاينىڭ 29-كۈنى كامبودژانىڭ باش مىنىستىرى خۇن سىن پايتەختى فېنوم پېندىكى خىتاي مەبلەغ سېلىپ ياسىغان پۇتبول مەيدانى زىيارەت قىلغاندا دۆلەت ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 40 مىليون دوللارلىق قورال-ياراغ سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ 40 مىليون دوللارلىق قورال-ياراغ بولسا ئالدىنقى يىل خىتاي كامبودژاغا دۆلەت ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بەرگەن 290 مىليون دوللارنىڭ سىرتىدا ئىكەن.

خۇن سېن يەنە، بۇ قېتىمقى 40 مىليون دوللارلىق كېلىشمدا كامبودژا ئەسكەرلىرىنىڭ كونا قوراللىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «مەن دۆلەت ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرمەكچى» دېگەن.

2019/07/30

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here