ئامېرىكا شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خىتايغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە

0
318

يېقىندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دېڭىزىدا خىتاي پاراخوتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ۋەقەلەر يۈز بەردى. بۇ ۋەقەلەر باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ “دېڭىز تىنچلىقىغا ئەھمىيەت بېرىمىز” دېگەن سۆزلىرىگە ئىشەنمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قۇيدى. يەنە بۇ ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ بۇرۇندىنلا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدا خىتايغا قارشى ھەمكارلىق پىلانىنى قايتىدىن كۈچلەندۈردى.

ئامېرىكىنىڭ ئەسلى پىلانى بولسا ” ھىند-تېنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسى” دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ پىلاندا خىتاي بوزەك قىلىۋاتقان شۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ خىتاينىڭ كېڭىيىشىنى توسۇپ قېلىش ئىدى.

ئالدىمىزدىكى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى، ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 27 دۆلەت قاتنىشىدىغان بىخەتەرلىك يىغىنىدا، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى يېقىنقى ھەرىكەتلىرى بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدىكى “ۋيېتنام دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇزچىلىق بىلەن كىرگەن خىتاي پاراخوتلىرى” مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ۋيېتنام خىتايدىن دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان پاراخوتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.

2019/07/31

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here