خىتاي تەيۋەنگە بارماقچى بولغان پۇقرالىرىنى كونترول ئاستىغا ئالماقچى

0
161

7-ئاينىڭ 31-كۈنى خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ خىتاينىڭ 47 شەھىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تەيۋەنگە بېرىشىغا يەككە كىشىلىك “يول خېتى” بەرمەيدىكەن. مىنىستىرلىق بۇ  توغرىسىدا ئارتۇق مەلۇمات بەرمىگەن.

خىتاي پۇقرالىرى خىتاي ھۆكۈمىتى “قانۇنسىز ئايرىلىپ چىقماقچى بولغان ئۆلكىمىز” دەپ داۋا قىلىۋاتقان تەيۋەنگە بېرىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن “يول خېتى” ئېلىش كېرەك ئىدى. 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، شىيامىن قاتارلىق 47 شەھەردىكى پۇقرالارنىڭ تەيۋەنگە يەككە بېرىشىغا يول قۇيۇلمايدىكەن.

ھازىردىن تارتىپ تەيۋەنگە بارماقچى بولغان ھەر قانداق خىتاي پۇقراسى قايسى شەھەردىن بولسۇن يەككە ھالەتتە تەيۋەنگە بارالمايدىغان بولۇپ، پەقەت خىتاينىڭ “جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت شىركىتى” گە ئوخشىغان ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن ساياھەت ئۈچۈنلا بارالايدىكەن. خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارار چىقىشتىن بۇرۇن تەيۋەننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تارقىتىپ بېرىلگەن “يول خېتى” بار كىشىلەر كونا تەرتىپ بويىچە بارالايدىكەن.  8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن گۇرۇپپا شەكىلدە ساياھەت ئىدارىسى بىلەن بېرىشى كېرەك ئىكەن.

تەيۋەنگە ساياھەتكە بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ %30 تىنى خىتايلار ئىگىلەيدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئارقىلىق تەيۋەنگە بېسىم ئېلىپ كەلمەكچى.

2019/07/31

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here