خىتاي بېيجىڭدىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىلاردىكى “ھالال” خېتىنى ئالغۇزۇۋەتكەن

0
110

7-ئاينىڭ 31-كۈنى رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پايتەختى بېيجىڭدىمۇ ئاشخانا ۋە كىچىك تىپتىكى تاماق سېتىش ھارۋىلىرىنىڭ ئىگىلىرىگە ئەرەبچە “ھالال” دېگەن خەتنى ۋە باشقا دىنى تۈس ئالغان ۋىۋىسكىلارنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇغان ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى دەسلەپتە شەرقىي تۈركىستاندا باشلانغان “ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش” ھەرىكىتىنىڭ كېڭىيىشى دەپ قارالماقتا.

رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقى زىيارەت قىلغان بېيجىڭدىكى ھالال مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان 11 ئاشخانىنىڭ خادىملىرى مۇشۇ يېقىنقى كۈنلەردە خىتاي دائىرىلىرى ئىسلام بىلەن ئالاقىسى بار ھەرقانداق رەسىملەرنى ئاشخانىلاردىن ئېلىۋېتىشنى بۇيرۇغان ئىكەن. يەنى ھىلال ئاي شەكىللىرى ۋە ئەرەبچە يېزىلغان “ھالال” خەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ئىسلامى خەت، شەكىل ۋە سۈرەتلەرنى ئېسىشنى چەكلىگەن.

رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقى يەنە، ھۆكۈمەت خادىملىرى بېيجىڭدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ باشلىقىغا ئاشخانىسىنىڭ ۋىۋىسكىدىكى “ھالال” خەتنى يوشۇرۇشنى (ئېتىۋېتىشنى)  تەلەپ قىلغان بولۇپ، ۋىۋىسكىدىكى “ھالال” خەتنى قەغەز بىلەن ئېتىۋەتكىچە خىتاي خىزمەتچىلىرى نازارەت قىلىپ تۇرغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاشخانا باشلىقىنىڭ رۇيتېرىس مۇخبىرىغا: «ئۇلار ماڭا بۇ “ھالال” خەتنىڭ ئورنىغا سەن ئۆزىمىزنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى كۆپرەك ئىشلىتىشىڭ كېرەك.» دېگەن.

2019/07/31

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here