خىتاي ساياھەتچىلىرى خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ئىقتىسادى قورالىغا ئايلانماقتا

0
125

7-ئاينىڭ 31-كۈنى خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ خىتاينىڭ 47 شەھىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تەيۋەنگە بېرىشىغا يەككە كىشىلىك “يول خېتى” بەرمەيدىكەن. مىنىستىرلىق بۇ توغرىسىدا ئارتۇق مەلۇمات بەرمىگەن.

تەيۋەنگە ساياھەتكە بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ %30 تىنى خىتايلار ئىگىلەيدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئارقىلىق تەيۋەنگە بېسىم ئېلىپ كەلمەكچى.

خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش ساياھەتچىلەر ئارقىلىق باشقا دۆلەتكەرگە بېسىم قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرچە خەۋەرلەر گۇرۇپپىمىز تەرپىدىن 2018-يىل 10-ئايدا تەرجىمە قىلغان بۇ ماقالىمىزنى قايتىدىن ئېتىپ قۇيۇشنى توغرا تاپتۇق….

2017- يىلنىڭ باشلىرىدا كورىيە شىمال تەرەپتىكى قوشنىلىرى تەرىپىدىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن قوغدىنىش ئۈچۈن لاھىيلەنگەن ئامېرىكىنىڭ تاد(THAAD) ناملىق باشقۇرىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە قىلىش سىستېمىسىنى قوللىنىشنى قارار قىلغان ئىدى لېكىن بۇ قوشنىسى بولغان خىتاينى خۇشال قىلمىدى.

خىتاي بۇ تاد ناملىق قوغدىنىش سىستېمىسىنى ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىت دەپ قارىدى ھەم تېزلىك بىلەن قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى. كورىيىنىڭ سودا- تىجارەتلىرىگە يۈرگۈزگەن چەكلىمىلەر ھەمدە كورىيە يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە ئەگىشىپ خىتاي يېڭىچە بىر ئۇسۇل بىلەن ئىنكاس قايتۇردى.ئۇ بولسىمۇ ساياھەتچىلەرنى چەكلەش. بۇ قوغدىنىش سىستېمىسى قۇيۇپ بېرىلگەن شۇ ئايدا كورىيە خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز 40پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. دەسلىپىدە خىتاي ساياھەتچىلىرى بۇ دۆلەتكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك دەرىجىدە كۆپ ئىدى.

ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئانالىزچىسى ئېۋەن رىسنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كورىيىگە بارىدىغان ساياھەتچىلەرگە ۋىزا قۇيۇپ بەرگەن ساياھەت شىركەتلىرىگە جەرىمانە قۇيىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان بۇ ساياھەت كەسپىگە زور تەسىر پەيدا قىلغان.

بۇ بولسا غايەت زور ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان تۇنجى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك ساياھەتچىلىكنى ئىشقا سېلىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ بۇنىڭدىن كىيىن كورىيىدە قانداق ئىشلار يۈز بىردىغانلىقغا ئىشارەت قىلىدۇ. قىسقىغىنە 10 نەچچە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە خىتاي ئاسيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ساياھەتچىلىك ساھەسىدە ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان بىر دۆلەتتىن ساياھەتچىلەرنىڭ مەنبەسى بولغان ئەڭ مۇھىم بىر دۆلەتكە ئايلاندى. مەيلى ياپونىيە، تايلاند، تەيۋەن، سىنگاپور ۋەياكى بالى ئارىلىدا بولسۇن خىتاي ھازىر ئەڭ چوڭ ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى بولۇپ قالدى. 2017- يىلى خىتايدىن چەتئەلگە چىققان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 129مىليون بولغان. كۆپىنچە ئەھۋالدا ھەر بىر خىتاي ساياھەتچىسى غەرب ياكى ئاسىيا دۆلەتلەردىن چەتئەلگە چىقىدىغان ساياھەتچىلەرگە قارىغاندا كۆپ پۇل سەرپ قىلىدۇ.

خىتاينىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ دۆلەت سىرتىغا چىقىشىنى كونترول قىلالايدىغان، ئالاھىدە بىر ئىقتىدارى بولغانلىقى ئۈچۈن ساياھەتچىلىكتەك يۇمشاق كۈچنىڭ يەرشارىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى بىر شەكلى سۈپىتىدە باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم قىلالايدىغان بىر قورال قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ. ھەم بۇ دۆلەت ھازىر بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئۆتكەن يىلى بۇنداق ئىش كورىيىدە كۆرۈلدى.

بۈگۈن خىتاينىڭ نىشانى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كىچىك پالائۇ دۆلىتى بولماقتا. ئەتە خىتاينىڭ نىشانى ياپونىيە، تايلاند، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن ۋەياكى باشقا خىتاي بىلەن تېررىتورىيە كۆرىشى قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرگە قارىتىدۇ. خىتاينىڭ دۆلىتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى ۋە كىرىشىنى كونترول قىلالايدىغان ئالاھىدىلىكى باشقا دۆلەتلەر ئاساسى جەھەتتىن بۇ خىل ئۇسۇلغا قارشى تەدبىر قوللىنالمايدىغان خىتاينىڭ بىر كۈچلۈك قورالىغا ئايلاندۇرغان.

ئېۋەن رىس ساياھەتچىلىك ساھەسىدە خىتاينىڭ قولى بارلىقىنى، بەش چوڭ ساياھەتچىلىك شىركىتىنىڭ ئۈچىنى دۆلەت بىۋاسىتە باشقۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ساياھەتچىلەر ئېقىمىنى كونترول قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان يوللىرى بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

2019/08/04

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here