ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ : خىتاي ۋەدىسىدە تۇرمىدى

0
186

8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ خىتاينىڭ قېلىپ قالغان 300 مىليارد دوللارلىق مېلىغا %10 تاموژنا بېجى قۇيىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تىرامپنىڭ بۇ قارارى خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سودا سۆھبىتى ئاياغلىشىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان.

تىرامپ ئۆزىنىڭ تىۋېتىر ھېسابىغا: «سودا سۆھبەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ سۆھبەتلەر بىر تەرەپتىن داۋاملىشىدۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ خىتاينىڭ دۆلىتىمىزگە ئېلىپ كىرىۋاتقان 300 مىليارد دوللارلىق ماللىرىغا %10 باج ئۆستۈرىمىز.» دەپ يازغان.

تىرامپ خىتاينى ئەيىپلەپ ” خىتاي ئاخىرقى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن يەنى ئامېرىكىدىن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋالمىغانلىقىتىن بۇ قارارنى چىقارغانلىقنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا 2018-يىلدا خىتايدىن 558 مىليارد دوللارلىق مال ئىمپورت قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە خىتاينىڭ 250 مىليارد دوللارلىق مېلىغا %25 باج ئۆستۈرۈپ بولغان. مۇشۇ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ خىتاينىڭ قېلىپ قالغان 300 مىليارد دوللارلىق مېلىغا %10 باج ئۆستۈرمەكچى. خىتاي بۇنىڭ قارشىلىقىدا ئامېرىكىدىن 2018-يىلدا 180 مىليارد دوللارلىق مال ئىمپورت قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ 110 مىليارد دوللىق ماللىرىغا باج ئۆستۈرگەن. ئەمدىلىكتە بولسا ئامېرىكىغا قارشى زەربە بېرەلەيدىغان 70 مىليارد دوللارلىق مالغا باج قۇيۇشتىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئىختىيارلىق قالمىغان.

8-ئاينىڭ 5-كۈنى CNN خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ قېتىمقى باج ئۆستۈرۈشكە قارىتا ، خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكىدىن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختاتقان ئىكەن.

8-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى “ئامېرىكىنىڭ بۇ يېڭى بېجىنى 6-ئايدا ئىككى دۆلەت ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىدە بىرلىككە كەلگەن كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلدى” دەپ ئەيىبلىگەن.

2019/08/06

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here