كەشمىر مۇسۇلمانلىرى “مۇستەقىللىق” تىن تېخىمۇ يىراقلاشماقتا

0
457

8-ئاينىڭ 5-كۈنى ھىندىستان ھۆكۈمىتى 1949-يىلدىن تارتىپ ئىشغال قىلىۋالغان كەشمىر رايونىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، بۇ ئارقىلىق تاجاۋۇزچى ھىندىستان ھۆكۈمىتى نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلار بولغان كەشمىرنى ھىندىستاننىڭ باشقا رايونلىرى بىلەن مۇكەممەل بىرلەشتۈرمەكچى ئىكەن.

دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان ھۆكۈمەت پارلامېنتىدا 1949-يىلى كەشمىر ئۈچۈن قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن 370-ماددىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بۇ ماددا ئاستىدا كەشمىر ئۆز رايونىدا تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە ئىشلىرىدىن سىرت باشقا ئىشلاردا مۇكەممەل ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، كەشمىر رايونىغا خاس قانۇن ۋە بايراق قوللىنالايتتى.

كەشمىردىكى بەزى بىر ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىنىڭ ھۆكۈمىتىنى ھىندىستان قانۇنىدىكى 370-ماددىنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئەگەر مودى ھۆكۈمىتى بۇ ماددىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا كەشمىر رايونىدا ئېغىر قوزغىلاڭ ۋە سۈركىلىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ سەۋەبلەردىن ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن بۇ رايونغا 35 مىڭ يېڭى ئەسكەر ئەۋەتكەن بولۇپ، كېچىدە يول يۈرۈشنى چەكلەش، ئىنتېرنېت، يانفون، سىملىق تېلېفون لىنىيىسى، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيىلەرنى توختىتىۋەتكەن. ئۇنىڭدىن سىرت كەشمىردىكى تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك ھۆكۈمەت خادەملىرى ۋە سىياسىيونلارنى نازارەت ئاستىغا ئالغان.

370-ماددىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىش بىلەن ھىندىستاننىڭ باشقا ئۆلكىللىرىدىن كەلگەن كىشىلەر جامو ۋە كەشمىر رايوندىن ئۆي-مۈلۈك سېتىۋالالايدۇ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە مەكتەپلىرىگىمۇ خىزمەتكە ئورۇنلىشالايدىكەن.

بەزى ئانالىزچىلار: بۇ قارارغا ئاساسلانغاندا ھىندىستان ھۆكۈمىتى باشقا رايونلاردىن بۇددىست ھىندىلارنى جامۇ كەشمىر رايونىغا ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى بۇددىسلاشتۇرماقچى. بۇ رايوندىكى ھەركەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايچىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل سىياسىتىگە ئوخشاش سىياسەت كەشمىردە تەكرارلانماقتا.

كەشمىر قانداق قىلىپ بۇ ھالەتكە كەلگەن؟

1947-يىلى ئەنگلىيە ھىندى يېرى ئارىلىدىن چىقىپ كېتىشىدىن بۇرۇن بۇ زېمىننى ئىككى رايونغا بۆلىۋېتىپ چىقىپ كەتكەن. كەشمىر بولسا باشقا مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردەك پاكىستانغا تەۋە بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن شۇ ۋاقىتتىكى كەشمىرنىڭ بۇددىست ھاكىمى پاكىستان ياكى ھىندىستانغا تەۋە ئەمەس مۇستەقىل ھالەتتە قېلىشىنى خالىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن پاكىستان بۇ رايوننى كونترول قىلماقچى بولغان. پاكسىتان قەبىلىلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 1947-يىل 10-ئايدا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ھىندىستانغا قېتىلىپ كەتكەن.

370-ماددىنىڭ قانۇنغا كىرگۈزۈلۈشى

جامۇ كەشمىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھوقۇقى 1947-يىلى كەشمىرنىڭ باش مىنىستىرى تەرىپىدىن تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ھىندىستان تۇنجى باش مىنىستىرنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق ئىشلار ئىدى. 1949-يىل 10-ئايدا كەشمىرنىڭ ئاپتونومىيە رايون مەسىلىسى ھىندىستان قانۇنىغا “370-ماددا” بولۇپ كىرگۈزۈلگەن.

كەشمىر خەلقلىرى تاجاۋۇزچى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا قارىتا قانداق پوزىتسىيە قوللىنىدۇ؟ ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ يېڭى 35 مىڭ ئەسكەربىلەن كەشمىردە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارامدۇ؟ بۇلارنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كۆرۈشىمىز مۇمكىن………….

2019/08/07

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here