ئامېرىكا خىتايغا قارشى ئىتتىپاقداشلىرىنى كۆپەيتمەكتە

0
331

8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پوپىيونىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا تېنچ-ئوكياندىكى 3 ئارال دۆلەتلىرى بىلەن شۇ رايوندىكى خىتاينىڭ تەسىر دائىرىسىنى توسۇش ئۈچۈن بىخەتەرلىك مەسىلىرىدە ئىتتىپاقلىشىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى باشلىغان.

بۇ ئىتتىپاقنىڭ شەرت ئاستىدا ئامېرىكا، مېكورونىزىيە، مارشال ئاراللىرى ۋە پالاۇ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا بوشلۇقى ۋە شۇ دۆلەتلەرگە تەۋە دېڭىز تەۋەلىكىدە خالىغان ۋاقىتتا ئەركىن ھەرىكەت ئېلىپ بارالايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئامېرىكا بۇ ئارال دۆلەتلەرگە ئىقتىسادى ياردەم بېرىپ كەلمەكتە..

مايىك پومپېيۇ مېكورونىزىينىڭ پوخنپې ئۆلكىسىدە مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: مەن بۈگۈن سىلەرگە شۇنى تەكىتلىمەكچى، ئامېرىكا سىلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقۇڭلارغا، بىخەتەرلىك ۋە ئۆز دۆلىتىڭلاردا ئەركىن ۋە تىنچ ياشاشقا ياردىم بېرىدۇ.»

ئامېرىكىنىڭ بۇ 3 دۆلەت بىلەن كېلىشىمى 2024-يىلدا ئاخىرلىشىدىكەن.

خىتاي مۇشۇ ئاخىرى 10 يىل ئىچىدە تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېنچ-ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە، بۇ رايوندىكى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە ئۈچۈن جۇغراپىيىلىك سىياسەتتە مۇھىم بولغان بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە بېرىۋاتقان ئىقتىسادى ياردەملىرىنى كۆپەيتمەكتە.

2018/08/07

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here