خىتاي ھىندىستاننى دۆلىتىدە “خۇاۋېي” نى چەكلەشتىن ئاگاھلاندۇردى

0
311

خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندىستاننى خىتاينىڭ تېخنولوگىيە شىركىتى بولغان خۇاۋېينىڭ ھىندىستاندىكى تىجارىتىنى چەكلەشتىن ئاگاھلاندۇردى. خىتاي تەرەپ “ئەگەر ھىندىستان دۆلىتىدە خۇاۋېينى چەكلىسە خىتايدىكى ھىندىستان شىركەتلىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ.” دېگەن.

ھىندىستان ئالدىمىزدىكى ئايلاردا دۆلىتىگە يېڭى ئەۋلاد 5G سىمسىز تور تېخنىكىسىنى ئورناتماقچى، لېكىن ھىندىستان خەۋەرلىشىش مىنىستىرى راۋې شانكار پىراسادنىڭ دېيىشىچە، ھىندىستان ھازىرغىچە خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 5G سىمسىز تورنى ئورنىتىش ياكى ئورناتماسلىق توغرىسىدا ئاخىرقى قارارنى چىقارمىغان ئىكەن.

كەلگۈسىدىكى 5G سىمسىز تور ئالاقىسىنىڭ ئەڭ چوڭ تەمىنلىگۈچىسى ھېسابلىنىدىغان خۇاۋېي ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جۇغراپىيىلىك سىياسەت كۆرىشىنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلمەكتە. 5-ئايدا ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ خۇاۋېينى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكا ھازىرغىچە ئىتتىپاقداشلىرىنى 5G سىمسىز تور ئالاقىسىدە خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى قوللانماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.

2019/08/09

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here