خىتايمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى يۈك پاراخوتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىشنى ئويلاشماقتا

0
117

ئىران بىلەن غەرىب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پاراخوتلىرى بىلەن بىرلىكتە پارس قولتۇقىدىكى يۈك پاراخوتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەمكارلاشىشنى قارار قىلغان.

ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ توغرىسىدا بەرگەن باياناتىدا: “ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قانۇنسىز تەھدىتلەردىن يۈك پاراخوتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بەل باغلىدى. شۇ سەۋەبتىن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى پارس قولتۇقىدىكى يېڭى دېڭىز بىخەتەرلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ. ” دېگەن.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ دېڭىز بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىدە ئامېرىكىدىن باشقا قايسى دۆلەتلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تارقالغان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقىغا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىش تەلىپىنى رەت قىلغان ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بەزىبىر مەنبەلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا گېرمانىيىدىكى ئەسكەرلىرىنى پولشىغا يۆتكەشنى ئويلىشىۋاتقان ئىكەن.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ئىراننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جاۋاد زەرىف ” ھازىر ۋاشىنگتوننىڭ ئىرانغا تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيىسىدە ئۆزى يالغۇز قېلىپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى پارس قولتۇقىدا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى نومۇس دەپ قارايدۇ” دېگەن.

8-ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەلچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايمۇ ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرىدىن كېيىن پارس قولتۇقىدىكى يۈك توشۇش پاراخوتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاينىڭ ئەبۇ زەبىدىكى ئەلچىسى نى جېيان رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن: « ئەگەر پارس قولتۇقىدىكى ئەھۋاللار بىخەتەرلىككە تەسىر كۆرسىتىپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا تىجارەت پاراخوتلىرىمىزنى قوغداپ مېڭىش ئۈچۈن ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىشىمىز مۇمكىن.»

8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا كورىيىدىن ھورمۇز بوغۇزىدىكى تىجارەت يولىنى قوغداش ئۈچۈن دېڭىز ئارمىيە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان.

2019/08/09

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here