ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى موڭغۇلىيىگە يېتىپ كەلدى

0
231


8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى مارېك ئسپېر موڭغۇلىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆپ زىيارەت قىلمايدىغان موڭغۇلىيىگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ موڭغۇلىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن رۇسىيىگە تاقابىل تۇرۇش ئىسىتىراتىگىيىسىدە موڭغۇلىيە بىر مۇھىم ئسىتىراتىگىيىلىك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان موڭغۇلىيە، ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئالدىمىزدىكى يىللاردا كۆپ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك رايونلاردىن بىرى ھېساپلىنىكەن.

ئانالىزچىلار: “ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارېك ئسپېر ۋەزىپىگە چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى دۆلەت زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا تۇنجى دۆلەت زىيارىتى موڭغۇلىيىنىڭ بولۇشىدىن بۇ دۆلەتنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەھمىيىتىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ» دېگەن.

ئەڭ ئاخىرقى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ موڭغۇلىيە زىيارىتى 2014-يىلى بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى مۇداپىئە مىنىستىرى چۇك خاگېل موڭغۇلىيىدە 4 سائەت تۇرغان ئىكەن. ھازىرقى مۇداپىئە مىنىستىرى مۇڭغۇلىيە پايتەختى ئولان باتۇردا بىر كېچە تۇرىدىكەن. 8-ئاينىڭ 8-كۈنى پەيشەنبە موڭغۇلىيە پىرىزدنتتى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىكەن.

بۇ قېتىمقى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ موڭغۇلىيە زىيارىتى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ئالدىنقى يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى يېڭى دۆلەت قوغداش ئىستراتېگىيە پىلانى تۈزىگەن بولۇپ، بۇ پىلاننىڭ مەركىزىنى “خىتاي بىلەن رۇسىيىگە تاقابىل تۇرۇش” دەپ بېكىتكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ئىستراتېگىيىنىڭ مەركىزى “ئىسلامىي قوراللىق كۈچلەر” بولۇپ كەلگەن ئىدى. ھازىر بولسا بۇ يېڭى ئىستراتېگىيە پىلانى ئاستىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دىققىتىنى كۆپرەك خىتاي بىلەن رۇسىيىگە قاراتماقتا.

موڭغۇلىيە بۇرۇندىن تارتىپ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىراق ۋە ئافغانىستانغا ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ھەمكارلىشىپ ئەسكەر ئەۋەتكەن. ئۇنىڭدىن سىرت ھازىرمۇ موڭغۇلىيىدە خىزمەت قىلىۋاتقان 200 نەپەرگە يېقىن ئامېرىكا ئەسكىرى بار.

2019/08/09

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here