خىتاي تەرەپتىن خەتەرلىك بايانات: خوڭكوڭ نامايىشى «تېررورلۇق ھەرىكىتى»

0
412

8-ئاينىڭ 12-كۈنى خوڭكوڭ خەلقئارا ئايرودرومىدىكى ھۆكۈمەت قارشى ھەرىكەت 4-كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئايرودرومدىكى پۈتۈن ئۇچۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۈگۈن ئايرودرومغا قونىدىغان ئايروپىلانلارغىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.

كۆپلىگەن نامايىشچىلار دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ئايرودروملار قاتارىدىكى خوڭكوڭ خەلقئارا ئايرودرومىنى قولغا ئېلىۋالغان. بۇ ئايرودروم ئۆتكەن يىل تەخمىنەن 75 مىليون يولۇچىغا خىزمەت قىلغان ئىدى.

نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ قاتتىق قول پوزىتسىيىسىدىن نارازى بولۇپ، بىر كۆزىگە چاپلاق چاپلاپ ساقچىلارنىڭ بىر نامايىشچى ئايالنى ئۇرۇپ كۆزىنى قانىتىۋەتكەنلىكى توغرىسىدا رەسىملەر كۆرۈپ چىقىشقان.

خوڭكوڭ بىخەتەرلىك ياردەمچىسى چېرس تاڭ ئىسە گېزىتىچىلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ساقچىلارنىڭ “قاتتىق قول نامايىشچىلار»غا قارشى كۈچ قوللانغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي تەرەپ نامايىشچىلارنى «تېررورلۇق» ھەركىتى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرشماقتا .

8-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتاي قوراللىق قىسمى نامايىشچىلار كۆپ بولغان خوڭكوڭ بىلەن چېگرىداش گۇاڭجۇ ۋە شىنجىنغا ئەسكەر يۆتكىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېقىن گلوبېل تايمىسنىڭ تارقاتقان كۆرۈنۈشلەردە، ئەسكەر توشۇغۇچى ماشىنىلار، يۈك توشۇش ماشىنىلىرى ۋە باشقا ئەسكىرىي ماشىنىلار كۆرۈنگەن.

گلوبېل تايمىسى “ئەسكەرلەرنىڭ مانىۋېر ئۈچۈن بۇ رايونغا يۆتكىگەنلىكىنى” بىلدۈرگەن. ئانالىزچىلار دېيىشىچە: خىتاي، قوراللىق ئارمىيىسى ئارقىلىق نامايىشچىلارغا كۈچ كۆرسەتمەكچى ئىكەن.
خىتاي ئەسكەر يۆتكەشتىن بىر كۈن ئىلگىرى خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نامايىشنى «تېررورلۇق» ھەرىكىتىگە باغلىشىدىن 1989-يىلدىكى “تىئەنمېن قەتلىئامى” دەك بىر ۋەقەگە يول ئېچىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

خوڭكوڭدا “جىنايەتچىلەرنى خىتايغا يۆتكەش» سىياسىتىگە قارشى 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن تارتىپ باشلانغان نامايىش ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.

8-ئاينىڭ 14-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى باشلانغان نامايىش تەسىرىدە تاقالغان خوڭكوڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا ئۇچۇش باشلاندى.

يىلدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 73 مىليون يولۇچى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خوڭكوڭ خەلقئارا ئايرودرومى نامايىشچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغان ئىدى. ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا قاتتىق باستۇرۇشىدىن كېيىن ئايرودرومدىكى نامايىشچىلارنىڭ سانى ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن.

خوڭكوڭ خەلقئارا ئايرودرومى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ يولۇچى قوبۇل قىلىدىغان 8-ئايرودروم ھېسابلىنىدۇ.

2019/08/15

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here