خىتاي، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 8 مىليارد دوللارلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىشىغا نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى

0
321

8-ئاينىڭ 17-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشىغا قاتتىق قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

CRI تۈركچە خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى  باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە 8 مىليارد دوللارلىق F-16V تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىشنى تېزلەشتۈرۈشتە قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

خۇا، «ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشى “بىر جۇڭگو” سىياسىتىگە ۋە خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ  مۇناسىۋەتىگە تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ئاساسلىق مەقسەت بولسا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانغا ئوخشاش بىر ئىش. بۇنداق قىلىش خىتاينىڭ مۇستەقىللىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.» دېگەن.

تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تۇپراق پۈتۈنلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاساس قىلىپ سۆزلىگەن خۇا،  ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ خىتاينىڭ  “بىر جۇڭگو” سىياسىتىگە قاتتىق زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى شۇ سەۋەبتىن تەيۋەنگە قورال سېتىشنى توختىتىشى ۋە ئەسكىرى ھەمكارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

 بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ تەيۋەنگە 2 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 108 دانە  M1A2T  تىپلىق تانكا ۋە 250 دانە سېتېنگىر FIM-92 ناملىق يەڭگىل تىپتىكى ھاۋا مۇداپىئە قورالىنى سېتىپ بېرىشكە يول قۇيغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

2019/08/17

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here