ئەنگلىيە ئىراننىڭ “Grace 1” ناملىق نېفىت توشۇش پاراخوتىنى قويۇپ بەرمەكچى

0
92

8-ئاينىڭ 15-كۈنى جەبەل تارىق دائىرىلىرى، 7-ئاينىڭ 4-كۈنى جەبەل تارىق بوغۇزىدا توختىتىۋالغان ئىراننىڭ “Grace 1” ناملىق سۈرىيىگە قاراپ ماڭغان نېفىت توشۇش پاراخوتىنى ئىراندىن سۈرىيىگە بارمايدىغانلىقىغا كاپالەت ئالغاندىن كېيىن قويۇپ بەرمەكچى بولغان ئىكەن.

ئەنگلىيىگە تەۋە بولغان جەبەل تارىق دائىرىلىرى ئىراننىڭ بۇ پاراخوتىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قولغا ئالغان ئىدى. بۇ ۋەقەگە قارىتا 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىران ھۆكۈمىتى ھورمۇز بوغۇزىدا ئەنگلىيە بايرىقىنى تاقاپ ماڭغان شۋېتسىيىنىڭ بىر دانە پاراخوتىنى تۇتۇۋالغان بولۇپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈۋاتقان نېفىت توشۇش پاراخوتلىرىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن.

8-ئاينىڭ 17-كۈنى رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋاشىنگتون سوتى ئىراننىڭ “Grace 1” ناملىق پاراخوتىنى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

جەبەل تارىق دائىرىلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ پاراخوت 8-ئاينىڭ 18-كۈنى يەكشەنبە، ئىرانغا قاراپ يولغا چېقىدىكەن.

2019/08/17

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here