تىرامپ: ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ياخشى كېتىۋاتىدۇ

0
258

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ياخشى كېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ يەنە، گەرچە ئامېرىكا مۇشۇ 9-ئايىنىڭ بېشىدىن باشلاپ خىتاينىڭ 125 مىليارد دوللارلىق مېلىغا يېڭىدىن باج قۇيغان بولسىمۇ ئىككى دۆلەت مۇشۇ 9-ئايدا يۈزتۇرانە كۆرۈشىدىكەن.

تىرامپ ئامېرىكىنىڭ يېنۇ جارزى شەھىرىدە مۇخبىرلارغا: « مىنىڭ بىلىشىمچە 9-ئايدا يېغىن نورمال ئېچىلىدۇ. لېكىن ھازىرچە بىز تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈۋاتىمىز، سۆھبەتلىرىمىز ياخشى كېتىۋاتىدۇ ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى 9-ئايدىكى يۈزتۇرا كۆرۈشۈش.» دېگەن.

تىرامپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەسلىدە مۇشۇ 9-ئاينىڭ بىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ 300 مىليارد دوللارغا يېقىن مېلىغا قويماقچى بولغان باجنى ئىككى باسقۇچقا بۆلگەن بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتا 150 مىليارد دوللار مالغا باج يەنى 9-ئاينىڭ بىرىدىن باشلاپ قۇيىدىغان، ئىككىنچى باسقۇچتا قېلىپ قالغان 150 مىليارد دوللارلىق مالغا قويۇلىدىغان باجنى 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگە كېچىكتۈرگەن. شۇ سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتى باشلانغان ئىدى. ئامېرىكا كېچىكتۈرمەكچى بولغان 150 مىليارد دوللارلىق ماللار بولسا ئويۇنچۇق، قول تېلېفون، چامدان كومپيۇتېر ۋە تابلىت قاتارلىق ماللار ئىكەن.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى خىتاي ئىقتىسادى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا: «ئامېرىكا خىتاينىڭ 300 مىليارد دوللارلىق مېلىغا قويماقچى بولغان باجغا قارىتا خىتاي چوقۇم جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك» دېگەن. ئۇ يەنە :« ئامېرىكىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ يېڭى باجلىرى ئىككى دۆلەت رەئىسلىرىنىڭ ياپونىيىدە بىرلىككە كەلگەن كېلىشىمگە خىلاپ» دېگەن.

2019/08/19

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here