خىتاي پاراخوتلىرى ۋيېتنامغا خاس دېڭىز تىجارەت لىنىيىسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىۋالدى

0
164

8-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋيېتنام ھۆكۈمىتى خىتايدىن دۆلىتىگە خاس ئىقتىسادى رايوندا نېفىت ئىزدەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان پاراخوتىنى ۋە ئۇنى قوغداپ ماڭغان پاراخورلارنى دەرھال چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ بۇ پاراخوتى ۋيېتنامغا تەۋە بولغان ئىقتىسادى رايون بولغان دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئىكەن.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي نېفىت ئىزدەش پاراخوتى خىتاينىڭ «خەيياڭ دېجى 8» ۋە ئۇنى قوغداپ ماڭغان 2 دانە ئۇرۇش پاراخوتى ۋيېتنامنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن ئىكەن.

ۋيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لې تې تي خاڭ خىتاينىڭ بۇ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىتا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز خىتاي بىلەن قايتا تەكرارلانغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى توغرىسىدا كۆرۈشتۇق. بىز ئۇلارغا بۇ پاراخوتلىرىنى ۋيېتنام دېڭىز تەۋەلىكىدىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلدۇق.» دېگەن.

خىتاينىڭ «خەيياڭ دېجى 8» نېفىت ئىزدەش پاراخوتى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ھىمايىسىدە بۇ دېڭىز رايونىغا 7-ئايدا تەكشۈرۈش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن. ۋيېتنام ھۆكۈمىتى خىتايدىن ھازىرغىچە پاراخوتلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

2019/08/20

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here