ھىندىستان كەشمىردە 4000 نەپەر مۇسۇلماننى قولغا ئالدى

0
174
Foreign Policy illustration/TAUSEEF MUSTAFA/PRAKASH SINGH/ARUN SANKAR/AFP/Getty Images

8-ئاينىڭ 18-كۈنى كەشمىردىكى بىر ئەدلىيە خادىمىنىڭ فرانسىيىنىڭ AFP خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى كەشمىرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن نەچچە مىڭ كىشىنى قولغا ئالغان ئىكەن.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەدلىيە خادىمىنىڭ AFP خەۋەر ئاگېنتلىقىغا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى PSA قانۇنى ئاستىدا 370-ماددىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن 4000 نەپەر ئادەمنى قولغا ئالغان. PSA قانۇنى ئاستىدا ھىندىستان ھۆكۈمىتى پۇقرالارنى ھېچقانداق ئەيىبلىمەستىن ۋە سوتقا ئېلىپ چىقماستىن ئىككى يىل تۇتۇپ تۇرالايدىكەن. PSA قانۇنى بولسا، 1978-يىلى كەشمىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەركەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان قانۇندۇر .

ئەدلىيە خادىمى يەنە: «كەشمىردىكى تۈرمىلەردە ئورۇن قالمىغانلىق سەۋەبىدىن يېقىندا تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى كەشمىردىن سىرتقا يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.»

تەپەككۇر قىلىپ باقايلى !!! تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن بېسىلىۋالغان زېمىنلارنىڭ ھېكايىلىرى بىر بىرىگە ئوخشاشمىكىن؟

2018/08/20

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here