تاجىكىستان بىلەن خىتاي ئورتاق ئەسكىرى مانېۋىر ئېلىپ باردى

0
110

خىتاي مۇشۇ يېقىندا تاجىكىستاننىڭ گورنو-بەدەخشان ئاپتونوم رايونىدا تاجىكىستان بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان ئىكەن.

تاجىكىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئورف نوزېمزودە 8-ئاينىڭ 13-كۈنى RFE/RL خەۋەر ئاگېنتلىقىغا، بۇ مەشىقلەرنىڭ سەۋەبى بولسا شۇ ئەتراپتىكى تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ تەھدىتلىرىگە ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىككى دۆلەتنى قوشۇپ 1200 ئەسكەر قاتناشقان بۇ ھەربىي مەشىق 8-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋاملاشقان.

تاجىكىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ مەشىقلەر گورنو-بەدەخشان ئاپتونوم رايونىنىڭ كورگۇغ، لشكاشىم ۋە شۇگنان رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مانېۋىرغا تانكا ۋە ئۇق ئۆتمەس ماشىنىلارمۇ قاتناشقان.

تاجىكىستان بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى مۇشۇ ئاخىرقى 5 يىل ئىچىدە تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان. 2016-يىل 10-ئايدا تاجىكىستان گورنو-بەدەخشاندا خىتاي بىلەن چوڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ بۇ مانېۋىرغا تاجىكىستان ئارمىيىسىدىن 10 مىڭ ئەسكەر خىتاي ئارمىيىسىدىن 200 ئەسكەر قاتناشقان.

گورنو-بەدەخشان بولسا تاجىكىستاننىڭ ئەڭ كەمبەغەل رايونى ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايون شەرقىي تۈركىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن چېگرىداش.

خىتاي يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھەمكارلىقلارنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولسا ئورتاق مانېۋىردۇر . ھازىر ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كېلىشىپ بولغانلىقتىن خىتاي ساقچىلىرى قىرغىزىستاننىڭ خەلق مۇھاپىزەتچى قىسمى بىلەن بىرلىكتە تېررورىزمغا قارشى مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

2019/08/22

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here