ئامېرىكا تەيۋەنگە 8 مىليارد دوللارلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىش پىلانىنى ماقۇللىدى

0
135

8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشقا مەسئۇل DSCA بۆلۈمى ئامېرىكا قۇرۇلتىيىغا “ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەنگە 8 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانىنى سېتىشقا ماقۇل كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن” ئىكەن.

بۇ ئېھتىمالى يۇقىرى بولۇۋاتقان كېلىشىم ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ئامېرىكا تەيۋەنگە جەمئىي 8 مىليارد دوللار قىممىتىدە 66 دانە F-16 كۈرەشچى ئايروپىلان، 75 دانە كۈرەشچى ئايروپىلان ماتورى ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانغا مۇناسىۋەتلىك باشقا سايمانلارنى سېتىپ بېرىدىكەن. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كېلىشىم ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى تەيۋەننىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچلەندۈرۈشكە ياردىم قىلغان بولىدىغان بولىدىكەن.

ئەگەر بۇ سۇدا ئەمەلگە ئېلىشىپ قالسا ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ قورال-ياراغ تىجارىتى بولىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇ سودا كېلىشىمىگە قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرگەن.

2019/08/22

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here