ئەنگلىيىدىن كېيىن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى تىجارەت پاراخوتلىرىنى قوغداشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشماقچى

0
100

8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلىتى ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم دېڭىز لىنىيىلىرىدىن ئۆتىدىغان تىجارەت پاراخوتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بىخەتەرلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىكەن.

بۇ دېڭىز رايونلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولسا دۇنيانىڭ 5/1 خام نېفىتى ئۆتىدىغان ئىران بىلەن ئوماننى ئايرىيدىغان ھورمۇز بوغۇزىدۇر.

ئىران ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا ئەنگلىيىنىڭ بىر دانە يۈك پاراخوتىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، شۇ رايوندىن ئۆتىدىغان باشقا پاراخوتلارغا تەھدىت ھاسىل قىلىپ دۇنيا تىجارىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ئىران تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم دېڭىز لىنىيىسىدىن (ھورمۇز بوغۇزى ۋە بابۇل مەندۇپ) ئۆتىدىغان تىجارەت پاراخوتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن شۇ رايوندا مەنپەئەتلىرى بار بولغان دۆلەتلەرگە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەترىتىنى قۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان. ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ بۇ چاقىرىقىغا ئەنگلىيە مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۈگۈن بولسا ئاۋسترالىيە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قايتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە قارشى چىققان كۆپ قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتمىسۇن دېگەن سەۋەبلىك ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ تىجارەت پاراخوتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇغان بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەترىتىگە قاتناشمىغان.

2019/08/23

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here