خوڭكوڭدىكى نامايىش 12-ھەپتىگە ئۇلاشتى

0
187

8-ئاينىڭ 24-كۈنى، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشنىڭ 12-ھەپتىسىدە ساقچىلار نامايىشچىلارنى گاز بومبىسى بىلەن باستۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقتىن، نامايىشچىلار ساقچىلارغا تاش، قۇتا ۋە بامبۇكتىن ياسالغان كالتەكلەر بىلەن قارشىلىق قىلغان.

شۇ يەر ۋاقتى سائەت 13.30 تۈن يېپ رايۇنىدا نامايىشچىلارغا قېتىلغان مىڭلارچە كىشى (مۇستەقىل خوڭكوڭ) دېگەن شوئارلار بىلەن يولغا چىققان. كوۋلون ئارىلىدا بولسا مىڭلارچە كىشى قالپاق ۋە گاز ماسكىسى بىلەن ساقچىلارنىڭ ئورۇنسىز كۈچ قوللىنىشىغا ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا چىققان. ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن لازا گازى ئىشلەتكەن.

نامايىشچىلارنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە ماڭغان بىر تۈركۈم “قەھرىمانلار” بامبۇك كالتەك ۋە ئەخلەت قۇتىلىرى بىلەن يولنى توسىغان.

خوڭكوڭدا ئۈچ ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار خەلق ئارىسىدا ۋەزىيەت كەسكىنلەشتۈرمەكتە. ھەپتە ئىچىدە ئۈچ نەپەر نامايىشچى پىچاقلانغان بولۇپ ھۆكۈمەت دائىرلىرى ۋە ساقچىلار بۇ ئىشلارغا كۆز يۇمغان.

نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتتىن جىنايەتچىلەرنى يۆتكەش قانۇنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش شەرتى ئىچىدە 5 تەلەپنى ئورۇندىشىنى تەلەپ قىلغان.

2019/08/24

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here