ئامېرىكا بىلەن ئاتالمىش ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئىراقتىكى نۇقتىلىرى نىشانغا ئالدى

0
144

8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاتالمىش ئىسرائىلىيىنىڭ پىرىزدنتتى نېتانىياخو ئىراقتىكى ئىرانغا تەۋە شىئە ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ نۇقتىلىرىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا دۆلىتىنىڭ قولى بارلىقىنى ئىشارەت قىلغان.

ئالدىنقى ھەپتە ئىراقتا ئىرانغا تەۋە شىئە ياللانما قوشۇنلارنىڭ بىر قانچە ئوق-دورا ئامبارلىرى ۋە بازىلىرىدا پارتلاش يۈز بەرگەن. بۇ گۇرۇپپىلار بۇ ھۇجۇملارنى “ئامېرىكا ۋە ئاتالمىش ئىسرائىلىيە قىلدى” دەپ ئەيىبلىگەن.

8-ئاينىڭ 22-كۈنى نېتانىياخودىن يەھۇدىلارنىڭ رۇس تىلىدا تارقىتىلىدىغان قانال 9 نىڭ مۇخبىرى “ئىسرائىلىيىنىڭ ئىراقتىكى ئىراننىڭ نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلىش ئېھتىمالى بارمۇ؟” دەپ سورىغان سوئالىغا «بىز ئىرانغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىزنى يوقىتىۋەتمەكچى بولغان ئۇ دۆلەتنى نۇرغۇن رايونلاردا نىشانغا ئالدۇق. مەن ئەسكەرلىرىمىزگە ئىراننىڭ پىلانىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن خالىغانچە ھەرىكەت قوللانسا بولىدىغانلىقىغا رۇخسەت قىلىپ بولدۇم.»دەپ جاۋاب بەرگەن.

8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىراقتىكى ئىران تەرەپتىن تەشكىللەنگەن ئەڭ چوڭ شىئە تەشكىلات PMF نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئىراقتا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيىنىڭ 4 دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا ئىراقنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشكە يول قۇيغان ئىكەن.

خەرىتىدە كۆرسىتىلگىنىدەك ئىران ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بازىلىرى بولسا، ئىراننىڭ ئىراقتىن ئۆتۈپ سۈرىيە ۋە لۇبنانغا تۇتۇشىدىغان «قۇرۇقلۇق كۆرۈكى دەپ ئاتىلىدىغان يول بۆلىكىگە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئاتالمىش ئىسرائىلىيە بولسا ئىراننى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئىراق، سۈرىيە ۋە لۇبنانغا ئەركىن بېرىپ كېلىش شۇنداقلا بۇ يۇل ئارقىلىق كاسپىي دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغا يېتىپ بېرىپ بۇ دۆلەتلەرنى كونترول قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىلىيىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالالايدىغان كۈچلۈك بىر دۆلەت بولۇشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ۋە ئاتالمىش ئىسرائىلىيە ھەربىي جەھەتتىن ئىراننىڭ نۇقتىلىرى سۈرىيە ۋە ئىراقتا نىشانلاۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئىرانغا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي بېسىملارنى قىلىپ كەلمەكتە.

خەرىتىدىكى رەسىملەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى….

2019-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى شىئە ياللانما ئەسكەرلىرىنى ئامېرلېنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بازىسى.

2019-يىل 8-ئاينىڭ 12-كۈنى شىئە ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ باغداتنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەل ساقر ھەربىي بازىسىدىكى ئوق -دورا ئامبىرى.

2019-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى باغداتنىڭ شىمالىغا جايلاشقان شىئە ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ بالاد ھاۋا بازىسىنىڭ ئىچىدىكى گازارما .

2019/08/25

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here