ئاۋسترالىيە دۆلىتىدىكى خىتاي تەسىرىنى يوقاتماقچى

0
316

ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ كۆپ ئاھالە ياشايدىغان ئۆلكىسى خىتاي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەبلەغ سېلىنغان مەكتەپلەردىكى “مائارىپ پىلانى” نى سىرتتىن كىرگەن سەلبىي تەسىر دېگەن ئاساستا ئەمەلدىن قالدۇرماقچى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تىلى ئورگىنىدىن بىۋاستە باشقۇرۇلىدىغان كۇڭزى ئىنستىتۇت پروگراممىسى ئاۋسترالىيىنىڭ يېڭى جەنۇب ۋالېس ئۆلكىسىدىكى 13 مەكتەپتە خىتاي تىلى ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

يېڭى جەنۇب ۋالېس دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ پروگراممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولسا، چەتئەل دۆلەتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە مائارىپ سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىپ ئۆز دۆلىتىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

يېڭى جەنۇب ۋالېس ئۆلكىسىنىڭ تەلىم-تەربىيە مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ خىتاي تىل ئۆگىتىش پروگراممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي تىلىنى ئۆزى تەسىس قىلىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردا ئاۋسترالىيە ئۇزىنىڭ ئەڭ چوڭ تىجارەت شېرىكى بولغان خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتكەنلىك سەۋەبىدىن بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا خىتاي تىلىنى كىرگۈزگەن ئىدى. لېكىن ھازىر ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدىكى بەزىبىر ھەرىكەتلىرىدىن ئەنسىرىمەكتە. 2017-يىلدىكى ئاۋسترالىيىنىڭ باش مىنىستىرى مالكوم تۇرنابۇل “خىتاي ئاۋسترالىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتىدۇ.” دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىنىڭ بۇ ئاخىرقى قارارىنى سىياسىي بېسىم دەپ قاراپ “ئاۋسترالىيە ھازىر خىتايغا قارشى سوغۇق ئۇرۇش پوزىتسىيىسىدە بولۇۋاتىدۇ.” دېگەن.

2018/08/25

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here