تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئورتاق مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

0
70

8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەسكىرى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ” TurAz Kartalı 2019″ ناملىق مانېۋىرى ئېلىپ بارماقچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

سپوتنىكنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەزەربەيجاندىن 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە مانېۋىرغا قاتنىشى ئۈچۈن Mig-29, F-16, Su-25 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلار، CASA تىپلىق تىرانسىپورت ئايروپىلانى، Mi-35, Mi-17, Sikorski UH-70, CH-47 Chinook ATAK/AH-1W دىن تەركىب تاپقان 30 دانە ئايروپىلان يېتىپ بارىدىكەن.

يەنە بۇ مانېۋىر 9-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئىزدەش ۋە قۇتۇلدۇرۇش پائالىيەتلىرى ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار ۋە تىكئۇچارلاردا ئۇق ئېتىش ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

2019/08/28

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here