خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى پورتتا توختىشىغا رۇخسەت قىلمىدى

0
251

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە تەۋە بىر دانە ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ چىڭداۋ پورتىغا توختاش تەلىپىنى رەت قىلغان بولۇپ، بۇ مۇشۇ ئاي ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ پورتقا كىرىش تەلىپىنى رەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ “Benfold 2016” ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى پورتقا كىرىشنى تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش بولۇۋاتقان خوڭكوڭ پورتىغا كىرىشنى تەلەپ قىلغان ئامېرىكىنىڭ بىر دانە ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىنغان.

رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان بىر نەپەر بەشبۇرجەكلىك بىنا خىزمەتچىسى، ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى خىتايغا بېرىشنى پىلانلىغانلىقىنى، لېكىن بېيجىڭنىڭ بۇ تەلەپنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ھازىرغىچە خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن “نېمە ئۈچۈن پاراخوتلارنىڭ زىيارەت تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى توغرىسىدا” ھېچقانداق بايانات بېرىلمىگەن.

2019/08/28

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here