تالىبان : ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرىلەر ئاخىرلىشىۋاتىدۇ. “ياخشى خەۋەرلەرنى بېرىمىز.”

0
320

8-ئاينىڭ 28-كۈنى تالىبان سىياسىي باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى سۇھەيىل شاھىن، ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشلەرنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.

بۈگۈن سۇھەيىل شاھىن ئۆزىنىڭ ئالاقە ھېسابىدىن بىر بايانات بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن “ئافغانىستانغا تىنچلىق” سۆھبىتىدە چوڭ ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۇھەيىل شاھىن، “يېقىندا ياخشى خەۋەرلەرنى تارقىتىمىز” دېگەن. ئامېرىكا بىلەن كۆرۈشۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تالىباننىڭ قاتاردىكى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسى سۇھەيىل شاھىن ئۆتكەن ئايدا ئەلجەزىرە ئەرەبچە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان “تىنچلىق سۆھبىتى” مۇزاكىرىسىنىڭ يۈزدە %80 / %90 كېچە تامام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا بىلەن تالىبان، 2018-يىل 10-ئايدىن باشلاپ ئافغانىستانغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىش توغرىسىدا سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

2018/09/28

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here