خىتاي ئەسكەرلىرى “خوڭكوڭدا”

0
753

خىتاي ئەسكەرلىرىنى توشۇغان بىر ئەسكىرى ماشىنا ئەترىتى ۋە بىر دانە دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى 3 ئايدىن بۇيان نامايىش بولۇۋاتقان خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ئەسكەرلىرىنى توشۇغان ماشىنىلار ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتى شېنجىندىكى خۇاڭگۇن پورتىدىن خوڭكوڭغا شۇ يەر ۋاقتى سائەت 04:00 لەردە يېتىپ بارغان. پاراخوتتا قانچە ئەسكەر بارلىقى ھازىرغىچە نامەلۇم.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان سۈرەتلەردە ئەڭ ئازدىگەندە 5 دانە برونېۋىك، 3دانە ئەسكىرى ماشىنا ۋە بىر دانە دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى بار ئىكەن.

خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق قىسمى، خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ۋاقىتدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قىسمىدا تەخمىنەن 5 مىڭغا يېقىن ئەسكەر بارلىقى بىلىنمەكتە.

خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ باش مەركىزى گۇاڭجۇدا بولۇپ، گۇاڭدۇڭ جەنۇبىي قوماندانلىق شتابىغا قارايدىكەن.

2018/08/29

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here