خوڭكوڭدا نامايىشچىلارنىڭ باش مەسئۇللىرى قولغا ئېلىندى

0
232

8-ئاينىڭ 30-كۈنى خىتاي دائىرلىرى خوڭكۇڭغا ئازادلىق ئارمىيىسىنى يۆتكىگەندىن كېيىنلا خىتاينىڭ “جىنايەتچىلەرنىڭ يۆتكەش” قانۇنىغا قارشى 3 ئايدىن بۇيان نامايىش قىلىۋاتقان نامايىشچىلارنىڭ 3 نەپەر باش مەسئۇلىنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۈگۈن يەنى 31-چېسلا قىلماقچى بولغان نامايىشنى چەكلىگەن.

بۇ 3 نەپەر كىشىنى ئايرىم-ئايرىم “ساقچى مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىش” “نامايىشنى گۇرۇھۋازلاشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىش” “ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش” “ئىسيان چىقىرىش” قاتارلىق گۇمانلار بىلەن ئەيىپلىگەن.

31-چېسلا قىلىنماقچى بولغان نامايىش پىلانى ساقچىلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، “نامايىش چەكلەنگەن” ئىكەن. بۇ نامايىشنى چەكلەش قارارىغا نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغىچىلاردىن بىرى بولغان ئىنسان ھەقلىرى ئورگىنى CHRF نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ “نامايىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ” دېگەن باھانە بىلەن نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنغان.

ئىنسان ھەقلىرى ئورگىنى بولغان CHRF چىقارغان باياناتىدا، نامايىشچىلاردىن كەچۈرۈم سورىغان ۋە قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدە “ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى” بىلدۈرگەن.

2019/08/31

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here