ئەنگلىيە كۈزدە خۇاۋېي توغرىسىدا قارار چىقارماقچى

0
110

ئەنگلىيە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىدىن نېكېي مورگاننىڭ دېيىشىچە، ئەنگلىيە كۈزدە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى دۆلىتىنىڭ 5G سىمسىز تور ساھەسىدە قوللىنىش ياكى قوللانماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىدىكەن.

نېكېي مورگان BBC رادىئۇسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: “بىز ئەنگلىيە ئۈچۈن توغرا قارار چىقىرىمىز. مېنىڭ پەرزىمچە مۇشۇ كۈزگىچە بىر ئىش قىلالايمىز.” دېگەن. ئەنگلىيىدە كۈز پەسلى 9-ئايدىن 12-غىچە داۋاملىشىدىكەن. دېمەك بۇ قارار 2019-يىل 9-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا چىقىشى مۇمكىن .

نېكېي مورگان يەنە، “بىز بۇ قارارىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر قارار بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىشىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ تور ساھەيىمىز بىخەتەر بولۇشى كېرەك” دېگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي 5G سىمسىز تور تېخنىكا ئارقىلىق تېخنولوگىيە ساھەسىدە ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغان بولۇپ، شۇڭا ئامېرىكا مۇشۇ ئاخىرقى يىللاردا خۇاۋېيغا قاتتىق زەربىلەرنى بېرىش بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقداشلىرىنى خۇاۋېينىڭ 5G سىمسىز تور تېخنىكىسىنى دۆلىتىگە قوبۇل قىلماسلىققا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەتتا خۇاۋېينىڭ 5G سىمسىز تور ئۈسكۈنىلىرىنى قوللىغان دۆلەتلەر بىلەن ئىستىخبارات مۇناسىۋىتى ئېلىپ بارمايدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە.

2019/09/01

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here