ئامېرىكا رۇسىيىگە قارشى پولشاغا يېڭى ئەسكەر ئەۋەتمەكچى

0
118

8-ئاينىڭ 30-كۈنى پولشا مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پولشا بىلەن ئامېرىكا، پولشادا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن 6 يېڭى نۇقتىغا ماقۇل كەلگەن ئىكەن.

2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلانغان كۈنىنىڭ 80-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پىرىزدنتتى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 9-ئاينىڭ 1-كۈنى پولشانى زىيارەت قىلماقچى ئىدى. لېكىن ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىغا يېقىنلاشقان قاتتىق بوران سەۋەبلىك بۇ زىيارەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئورنىغا ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرىزدنتتى مايىك پېنىسنى ئەۋەتكەن.

پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتىن بىلەن ئورتاق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «بىز 6 يېڭى نۇقتىنى كېلىشتۇق ۋە 7-نۇقتا توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋاتىمىز» دېگەن.

2019-يىل 6-ئايدا پولشا رۇسىيىنىڭ كۈچىيىۋاتقان قوپال ھەرىكەتلىرى ۋە 2014-يىلدا قىرىم يېرىم ئارىلىنى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن بېسىۋېلىشى سەۋەبلىرىدىن دۆلىتىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە قول قويغان.

پولشا بولسا شەرق شىمالدا رۇسىيىگە تەۋە پولشا بىلەن لېتۋانىيىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كېلىنگىرات رايونى بىلەن چېگرىداش كېلىدۇ. رۇسىيىنىڭ كېلىنگىراتقا “ئەسكەندەر” ناملىق ئاتوم بومبا قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە سىېتىمىسى ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن.

ناتو ئىتتىپاقىنىڭ ئاستىدا ھازىر پولشادا ئالمىشىپ خىزمەت ئۆتەيدىغان 4500 ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بار. 6-ئايدا قول قۇيغان كېلىشىمدا پولشا يەنە 1000 ئامېرىكا ئەسكىرىنى دۆلىتىگە كىرگۈزىدىكەن.

2019/09/02

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here