خوڭكوڭدىكى نامايىشقا نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچلار قېتىلدى

0
249

3 ئايدىن بۇيان نامايىش داۋاملىشىۋاتقان خوڭكوڭدا نامايىشچىلارغا قېتىلغان ئوقۇغۇچىلار يېڭى مەۋسۇمدا مەكتەپكە گاز ماسكىسى بىلەن بارغان.

9-ئاينىڭ 2-كۈنى خوڭكوڭدا مىڭلارچە ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش تاشلاپ نامايىشچىلارغا قېتىلغان ئىكەن.

خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشى مۇشۇ كۈنلەردە كەسكىنلىشىشكە قاراپ ماڭغان بولۇپ، نامايىشلار قوللىرىدا لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن ۋە قۇتىلاردا ئاددىي ئىس چىقارغۇچى ياساپ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭغا قارشى ساقچىلار، سۇ چېچىش ماشىنىسى، ياش ئاقتۇرغۇچى بومبا ۋە كالتەكلەر بىلەن نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان. يەكشەنبە كۈنى مىڭلارچە نامايىشچى خوڭكوڭ ئايرودرومىغا ماڭىدىغان يولنى توسۇۋالغان بولۇپ، 25 قېتىملىق ئۇچۇش ئەمەلدىن قالغان .

خوڭكوڭ “بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم” نامى ئاستىدا باشقۇرۇلۇۋاتقان ئىدى. بۇ ئالاھىدە رايون 1842-يىل ئەنگلىيىنىڭ كونترولىغا ئۆتكەن بولۇپ، 1997-يىلدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

2019/09/02

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here