خىتاي يەنە بىر دۆلەتنى تەيۋەندىن يىراقلاشتۇرماقچى

0
164

سولومون ئاراللىرىنىڭ ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان پېرې كىنېلورېيا رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا، خىتاي بىلەن ھۆكۈمىتىنىڭ “تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش” ئۈچۈن مەسلىھەتلىشىشكە بىر گۇرۇپپا تەشكىللىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھۆكۈمەت ئەزاسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سولومون ھۆكۈمىتى تېز بولسا مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە تەيۋەن بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

تېنچ-ئوكياندىكى سولومون ئاراللىرى 1983-يىلدىن تارتىپ تەيۋەننى ئېتىراپ قىلىپ كەلمەكتە ۋە ھازىر تەيۋەن بىلەن ئاز ساندىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتىنى ساقلاپ قالغان دۆلەتنىڭ بىرسى ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر سولومون ئاراللىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزسە، تەيۋەن بىلەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار دۆلەت 16 گە چۈشۈپ قالىدۇ.

پېرې كىنېلورېيا رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا يەنە “ھازىرقى ھۆكۈمەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى تەيۋەندىن خىتايغا ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشنى خالايدۇ. ھەتتا بۇ پىكىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلدى.” دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىگە سولوموندا ۋەكىللىك قىلىدىغان “جۇڭگۇ-سولومون ئاراللىرى دوستلۇق بىرلەشمىسى” نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سولومون ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە ئورتاق پىكىردە ئەمەس ئىكەن. بۇ بىرلەشمىسىنىڭ رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا يازغا خېتىدە: «ھازىر سولومون ھۆكۈمىتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى خىتايغا ئۆزگەرتەمدۇ ياكى ئۆزگەرتمەي ھازىرقى ھالەتتە تەيۋەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالامدۇ تېخى ئېنىق ئەمەس» دېگەن.

خىتاي ئىقتىسادى تۆۋەن بولغان دۆلەتلەرگە كۆپ ئىقتىساد بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى قەرزگە بوغۇپ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا بېسىم قىلىپ كەلمەكتە. ئالدىنقى يىلى سالۋاردۇر، بوركىنا فاسو ۋە دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەر تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن ئىدى.

2019/09/03

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here