فرانسىيە ئىرانغا “شەرتلىك” قەرز بەرمەكچى بولغان بولۇپ ئىران دائىرلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچۇرىغان

0
67

9-ئاينىڭ 3-كۈنى غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئىراندا تارقالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيە “ئەگەر ئىران 2015-يىلدىكى ئاتوم ئىتتىپاقىغا قايتا ئەمەل قىلسا، ئىرانغا 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيغان.” لېكىن بۇ تەلەپ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دەسلەپتە بۇ ئاتوم ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەن ئامېرىكا قوشۇلۇشى كېرەك ئىكەن.

بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىدىن بىرى رۇيتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېگەن: «فرانسىيە 15 مىليارد دوللارغىچە قەرز بېرىشنى ئوتتۇرىغا قۇيغان، بىز بۇ توغرىسىدا تېخى مەسلىھەتلىشىۋاتىمىز. ئەگەر بىز بۇ تەلەپلەرنى قوبۇل قىلساق بىزگە “بۇ مەبلەغنى ئەركىن ئىشلىتىشىمىزگە ۋە ئىران نېفىتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشقا” كاپالەت بېرىلىشى كېرەك.”

ياۋروپا دۆلەت باشلىقلىرى ھازىرغىچە 2015-يىلدىكى ئاتوم ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرنى توسۇش ئۈچۈن قىينىلىۋاتىدۇ. 2015-يىلدىكى ئاتوم ئىتتىپاقىدا “ئەگەر ئىران ئاتوم پروگراممىسىنى توختاتسا ئۇ ۋاقىتتا ئىرانغا قويۇلغان ئېمبارگولار بىكار قىلىنىدۇ. ئىران دۇنيا بازىرىغا كىرەلەيدۇ” دەپ يېزىلغان ئىكەن.

ئامېرىكا بۇ ئاتوم ئىتتىپاقىدىن ئالدىنقى يىل چېكىنىپ، ئىرانغا قايتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغان ۋە بۇ ئېمبارگولار مۇشۇ يىلغا كەلگەندە تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئىران ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارشى ئاتوم ئېنېرگىيىسىگە قويۇلغان چەكلىمىلەردىن ئېشىشقا باشلىغان.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئىران ئىقتىسادىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن بۇ 15 مىليارد دوللارغا قاتتىق ئېھتىياجلىق، لېكىن ئامېرىكا فرانسىيىنىڭ ئىرانغا ئاتوم ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشىدىن باشقا شەرتلەرنى قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.

9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىران دۆلەت تەۋەلىكىدىكى تېرىس تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئىران ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ 15 مىليارد دوللار قەرز بېرىش پىلانى رەت قىلغان ئىكەن.

2019/09/06

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here