ئىراننىڭ “Adrian Darya 1” ناملىق نېفىت توشۇش پاراخوتى سۈرىيىگە يېتىپ كەلگەن

0
82

9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئوتتۇرا دېڭىزدا مېڭىۋاتقان Adrian Darya 1 ناملىق نېفىت توشۇش پاراخوتىنىڭ سۈرىيىگە يېتىپ كەلگەنلىكى تارقالغان.
بۇ پاراخوتنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئىز قوغلاۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ پاراخوت تارتۇس پورتىدا كۆرۈنگەن. بۇ پاراخوت سىگنال تارقاتقۇچنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، سۈرىيىگە قاراپ ماڭغانلىقى بىلىنمەكتە.

ئىرانغا تەۋە نېفىت توشۇش پاراخوتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى “سۈرىيىگە نېفىت توشۇماقچى” دېگەن سەۋەبىدىن جەبىلتارىق بوغۇزىدا قولغا ئالغان بولۇپ، 5 ھەپتە تۇتۇپ تورغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

ئىران نېفىت توشۇش پاراخوتىنىڭ ئەسلى ئىسمى “Grace 1” بولۇپ يېڭى ئىسمى
“Adrian Darya 1” بۇ پاراخوت قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئامېرىكا مەھكىمىسى بۇ پاراخوتنى تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

2019/09/07

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here