تىرامپ: خۇاۋېي توغرىسىدا پاراڭلاشمايمىز

0
257

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ۋەكىللىرى ئالدىمىزدىكى ئاي ۋاشىنگتوندا سودا سۆھبىتى مۇناسىۋىتى بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشىدىكەن. لېكىن ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە خىتاينىڭ تېخنولوگىيە شىركىتى خۇاۋېينىڭ ئامېرىكا تەرەپتىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەشمەيدىكەن.

تىرامپ ئاق سارايدا مۇخبىرلار كۈتۈۋالغاندا «خۇاۋېينىڭ ئىشى بولسا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىدۇر. خۇاۋېي بىزنىڭ ئەسكىرىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرىمىزگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا بىز خۇاۋېي بىلەن تىجارەت قىلمايمىز.» دېگەن. ئۇ يەنە «خىتايغا كەلسەك ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتتە نېمە دېيىشكەنلىكىمىزگە قارايمىز. لېكىن بىزنىڭ خۇاۋېي توغرىسىدا پاراڭلاشقۇمىز يوق.» دېگەن.

2019-يىل 5-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى «دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن» دەپ ئەيىبلەپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. بۇ قارار بىلەن ئامېرىكا شىركەتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىسىز خۇاۋېي شىركەتگە سايمان-ئۈسكۈنىلىرىنى ساتالمايدىكەن.

2019/09/09

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here