ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مەخپىي كېلىشىمى ئاشكارىلاندى

0
219

9-ئاينىڭ 8-كۈنى كۇۋەيتتە تارقىلىدىغان «پىكىر» ناملىق گېزىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىران دەسلەپتە جەبەلتارىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان “Grace 1” ناملىق نېفىت توشۇش پاراخوتى سۈرىيىگە بارمايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىلگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ ئىسمىنى
“Adrian Daraya 1” دەپ ئۆزگەرتكەن. بۇ پاراخوت ئۈچۈنچى بىر دۆلەتنىڭ ۋاسىتىسى ۋە ئامېرىكا بىلەن سىرتقا ئاشكارىلىمىغان بىر مەخپىي ئىتتىپاق تۈزۈلگەندىن كېيىن سۈرىيىنىڭ تارتۇس پورتىغا يېقىنلاشقان. بۇ 200 مىليون ۋارىل خام نېفىت ئېلىپ ماڭغان پاراخوت تارتۇس پورتىغا يېقىن سۇلاردا تورغان بولۇپ، 4 كۈن ئىچىدە پاراخوتتىكى خام نېفىتلار كىچىك پاراخوتلار ئارقىلىق تارتۇس پورتىغا يۆتكىگەن ئىكەن.

«پىكىر» ناملىق گېزىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ بۇ پاراخوتىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ئاستىدا سۈرىيىگە يېتىپ كېلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان.

ئىراننىڭ “Adrian Daraya 1” ناملىق پاراخوتى، ئىران بىلەن ئامېرىكا بىر كېلىشىمگە كەلگۈچە ئوتتۇرا دېڭىزدا بىر نەچچە كۈن تۇرغان بولۇپ ئىران بۇ پاراخوتتىكى نېفىتنى سۈرىيىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بىر قانچە نەرسىلەرگە كېلىشكەن بولۇپ، بۇ كېلىشىمنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولسا، ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا قولغا ئالغان ئەنگلىيىنىڭ بايرىقىنى تاقاپ ماڭغان «stena impero» ناملىق پاراخوتنى ۋە پاراخوت ئەزالىرىنى قويۇپ بېرىش ئىكەن. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ئىران باشتا «stena impero» ناملىق پاراخوتىنىڭ 7 نەپەر ئەزاسىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، قالغان ئەزالارنى نېفىت سۈرىيىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۇۋەيت گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران بۇ پاراخوتتىكى نېفىتنىڭ بىر قىسمىنى بەششار ئەسساد ھۆكۈمىتىگە «ھەدىيە» قىلىپ بەرگەن. بىر قىسمىنى سۈرىيىدىكى ئەڭ چوڭ كارخانىچى رامى مەخلۇف دۇنيا بازىرى قىممىتىدە 130 مىليون دوللارلىق نېفىتنى سېتىۋالغان ئىكەن.

ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىكى سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتدا ئاتالمىش ئىسرائىلىيىنىڭ جاسۇس ئايروپىلانلىرى ئىراننىڭ بۇ پاراخوتىنى ھاۋادىن كۆزىتىپ تۇرغان ئىكەن. ئىككى دۆلەت بىر كېلىشىمگە كەلگەندىن كېيىن جاسۇس ئايروپىلانى قايتىپ كەتكەن. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىزنىڭ ھازىر “Adrian Daraya 1” ناملىق پاراخوتنى توختىتىۋېلىش پىلانىمىز يوق.» دېگەن.

2019/09/11

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here