خىتاي بەزىبىر ئامېرىكا ماللىرىغا قويغان باجنى ئەمەلدىن قالدۇردى

0
177

9-ئاينىڭ 11-كۈنى خىتاي ئىقتىسادى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئامېرىكىدىن كىرىۋاتقان 16 تىپلىق ماللارغا قۇيغان يېڭى باجلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن. خىتاي بۇ ماللارغا ئامېرىكا خىتاينىڭ ماللىرىغا قويغان باجلارغا قارىتا قارشى زەربە بېرىش ئۈچۈن باج قۇيغان ئىكەن.

بۇ قارار 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، 2020-يىل 9-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

خىتاي بىلەن ئامېرىكا 10-ئايدا ۋاشىنگتوندا سودا سۆھبىتى ئۈچۈن يۈز تۇرانە كۆرۈشمەكچى.

2019/09/12

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here