ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتا يېڭى پىلانى

0
161

9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ، لوس ئانجىلىس ئايرودرومىدا يېڭى خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئو برېئىن بىلەن گېزىتچىلەرگە بايانات بەرگەن. بۇ باياناتتا تىرامپ «ئىرانغا قارىتا يەنە ناھايىتى مۇھىم ئېمبارگولارنى قوشىمىز. بۇ يېڭى ئېمبارگولارنى 48 سائەت ئىچىدە ئېلان قىلىمىز» دېگەن. 

9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئانادولو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تىرامپ، كالىفورنىيە شتاتىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىرانغا قورال ئىشلىتىش توغرىسىدا:« ئوتتۇرا شەرقتە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنىڭ ئالدىمىزدا كۆرىمىز، بىر تېلېفون بىلەن ھەرقانداق بىر دۆلەتكە كىرەلەيمىز، بۇ ئەتە ياكى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

 تىرامپ ئۆتكەن ھەپتە خىزمەتتىن ئېلىپ تاشلىغان خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتىن بىلەن كۆپ مەسىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى سۆزلەپ « بولتىنغا ئوخشاش كىشىلەر ئىراققا كىرىشنى خالىدى لېكىن ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى.» دېدى. ئۇ يەنە «ئوتتۇرا شەرقتە ساقچى بولدۇق. لېكىن بۇ بىر قورقۇنچلۇق ئىش» دېدى.

بۇ ئېمبارگونى قوللىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستان قىلىنغان ھۇجۇمنى “ئىراننىڭ قولى بار” دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭدىن سىرت سەئۇدى ئەرەبىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت تەمىنلىگۈچى دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قالسا دۇنيا نېفىت بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن ئامېرىكىغىمۇ ئوخشىمىغان تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2019/09/19

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here