ئىران، ئەنگلىيىگە تەۋە يۈك توشىغۇچى پاراخوتنى يېقىندا قويۇپ بەرمەكچى

0
57

9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ ھورمۇز رايونىدىكى دېڭىزچىلىق ۋە پورت رايون باشلىقى مۇرات ئافېفېپۇر، ئەنگلىيىگە تەۋە “Stena Impero” ناملىق يۈك توشىغۇچى پاراخوتنى يېقىندا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاراخوتنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن. 65 كۈندىن بۇيان ئىران قىرغاقلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان “Stena Impero” ناملىق پاراخوت خەلقئارا دېڭىزغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

نېفىت توشۇش پاراخوتىنىڭ، ئىران دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئايرىلىشى توغرىسىدىكى سوتنىڭ تېخىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئافېفېپۇر«مەھكىمە قارارى يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ» دېگەن.

ئەنگلىيىگە تەۋە جەبەلتارىق دائىرىلىرى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى سۈرىيىگە قارىتا قويۇلغان ئېمبارگو سەۋەبلىك ئىراننىڭ بىر دانە نېفىت توشۇش پاراخوتىنى قولغا ئالغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئىران ھۆكۈمىتى پاراخوتنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەنگلىيىگە تەۋە “Steno Impero” ناملىق پاراخوتنى ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈۋاتقاندا «دېڭىز قانۇنىغا رىئايە قىلمىغان» دېگەن باھانە بىلەن تۇتۇپ قالغان ئىدى.

2019/09/23

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here