رۇسىيە بىلەن خىتاي 2020-2021-يىللار ئۈچۈن يېڭى ئەسكىرىي ھەمكارلىق پىلانى تۈزىدى

0
148

9-ئاينىڭ 20-كۈنى رۇسىيىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى سېرجى شويگۇنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيە خىتاي بىلەن 2020-2021-يىللار ئۈچۈن يېڭى ئەسكىرىي ھەمكارلىق پىلانى تۈزۈپ چىققان ئىكەن.

شۆيگۈ رۇسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورانبۇرۇگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن « Center-2019» ھەربىي مانېۋىردا مۇخبىرلاغا «بىز ئىككى دۆلەي ئوتتۇرىسىدا ئالدىمىزدىكى يىللار ئۈچۈن يېڭى ئەسكىرىي ھەمكارلىق پىلانى تەييار قىلدۇق. بىز بۇ پىلاننى يەنە بىر قاراپ چىقىپ ئالدىمىزدىكى ئايدا تەستىقلىشىمىز مۇمكىن.» دېگەن.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھەربىي مانېۋىرغا خىتايدىن 1500 نەپەر ئەسكەر قاتناشقان. ئۇ بۇ توغرىسىدا توختىلىپ «خىتاي بىلەن رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ مەشىقلەرگە ئورتاق قاتنىشىشى مەنچە ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزنى «مۈرىگە مۈرە» دەپ ئاتىلىدۇ.» دېگەن.

9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە رۇسىيە، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن «Center 2019» ھەربىي مانېۋىرىغا رۇسىيە، خىتاي، پاكىستان، قىرغىزىستان، ھىندىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاندىن جەمئىي 130 مىڭ ئەتراپىدا ئەسكەر قاتناشقان. بۇ مانېۋىردا ھەرخىل تىپتىكى 20،000 خىل قوراللار ۋە 600 كۈرەشچى ئايروپىلان قاتناشقان.

خىتاي ئارمىيىسى بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا ئەسكەرلەردىن سىرت، بىر قانچە 96A تىپلىق تانكا، H-6K سىتىراتىگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان، JH-7A بومباردىمانچى ئايروپىلان، J-11 كۈرەشچى ئايروپىلان، II-76 ۋە Y-9 تىپلىق يۈك توشۇغۇچى ئايروپىلان ۋە Z-10 تىپلىق ھۇجۇمچى تىكئۇچار ئەۋەتكەن ئىكەن.

2019/09/23

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here