خىتاي ساقچىلىرى سېربىيە ساقچىلىرى بىلەن ئورتاق چارلاش ئېلىپ باردى

0
239

9-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتاي ساقچىلىرى سېربىيە پايتەختى بېلگرادتا سېربىيە ساقچىلىرى بىلەن ئورتاق چارلاش خىزمىتى ئېلىپ بارغان ئىكەن.

9-ئاينىڭ 19-كۈنى سېربىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا: «6 نەپەر خىتاي ساقچىسى سېربىيە ساقچىلىرى بىلەن بېلگرادتا چارلاش ھەرىكىتىگە قاتناشتى. نوۋې ساد ۋە سېمېدرېۋو (خىتاي تىلى تەرجىمانلار) ئىسىملىك كىشىلەر سېربىيە ساقچىلىرىغا سىبىرىيىدە ياشاۋاتقان خىتايلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ياردەم بېرىدۇ ۋە خىتاي ساقچىلىرىغا تەرجىمانلىق قىلىدۇ.» دېگەن.

ئىككى دۆلەت ساقچىلىرىنىڭ ئورتاق چارلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سېربىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نېدوجسا ئېستېفانوۋچ «بۇلار شەھەرنىڭ بىر قانچە رايونىدا بىرلىكتە چارلاش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ رايونلار بېلگرادتىكى ساياھەتچىلەر كۆپ بولغان رايون ۋە خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردۇر.» دېگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ساقچىلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ساقچىلىرى بىلەن شۇ دۆلەتتە ئورتاق چارلاشقا قاتناشقان ئىدى.


2019/09/24

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here