بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى دۆلەت خىتاي تەرەپكە ئۆتتى

0
197

9-ئاينىڭ 20-كۈنى تەيۋەننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىنچ ئوكياندىكى كىرىباتى جۇمھۇرىيىتى مۇشۇ ھەپتە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن 2-دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوزېف ۋۇ بۇ خەۋەرنى جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا ئېلان قىلغان ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭمۇ كىرىباتى جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتى مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن 4 كۈن ئىلگىرى تىنچ ئوكياندىكى سولومون ئاراللىرى ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلغان ئىدى. سولوموننىڭ بۇ قارارىنى تەيۋەن ھۆكۈمىتى قاتتىق تەنقىدلىگەن. ئەمما سولومون ئاراللىرى ۋە كىرىباتى جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى بىلەن تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى 15 كە چۈشۈپ قالغان.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ، كىرىباتىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ «كىرىباتى نەچچە يىللىق دوستلۇقىمىز ۋە ياردەملىرىمىزنى بىر تەرەپكە قايرىپ قۇيدى.» دېگەن.

خىتاي بىلەن كىرىباتى جۇمھۇرىيىتىڭ 2003-يىلىغىچە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار ئىدى. 2003-يىلىدىن كېيىن تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ خىتايدىن يۈز ئۆرۈگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى «تەيۋەننى ئېتىراپ قىلغان ھەر قانداق دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتمايمىز.» دېگەن پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلمەكتە.

9-ئاينىڭ 23-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كىرىباتى جۇمھۇرىيىتى بىلەن پات يېقىندا قايتىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

2019/09/24

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here