ئامېرىكا ئارامكو نېفىت شىركىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبلىك ئىرانغا يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزمەكچى

0
89

9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا دۆلىتىنىڭ ئىران مەركىزى بانكىسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى بولسا، ئالدىنقى ھەپتە ئىراننىڭ يەمەندىكى ياللانما ئەسكەرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئارامكو شىركىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىق سەۋەبىدىن بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن تىجارەت ئېلىپ بارىدىغان دۇنيا نېفىت تىجارىتىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىك ئىكەن.

ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرى ئستېۋىن مېنۇچىن بۇ توغرىسىدا «ئىراننىڭ مەركىزى بانكىسى بولسا ئىراننىڭ ئاڭ ئاخىرقى ئىقتىسادى مەنبەسىدۇر» دېگەن.

9-ئاينىڭ 23-كۈنى ياپونىيىنىڭ نېككېى خەۋەر ئاگېنتلىقىدا تارقالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مىللىي نېفىت شىركىتى ئارامكو ياپونىيىنىڭ JXTG Nippon نېفىت ئايرىش شىركىتىگە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ياپونىيىگە ئەۋەتىدىغان خام نېفىتتە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىق ئېھتىمالى بارلىقىنى خەۋەر قىلغان.

نېككېى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،ئارامكو شىركىتى ئونىنچى ئايدىن باشلاپ ياپونىيەگە تەمىنلەيدىغان نېفىتنىڭ دەرىجىسىنى يېنىكتىن ئېغىرغا ئۆزگەرىتكەن بولۇپ كونكېرىت سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىدى.

ياپونىيىنىڭ JXTG Nippon نېفىت ئايرىش شىركىتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە، ئارامكوغا قىلىنغان ئاخىرقى ھۇجۇمدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن بىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
2019/09/24

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here