تالىبان سىياسىي باشقارما ۋەكىللىرى خىتايغا باردى

0
275

9-ئاينىڭ 23-كۈنى تالىبان ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان ۋەكىللىرى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا يېتىپ بارغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ۋە تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.

9 كىشىلىك بۇ گۇرۇپپا يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بارغان. بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئافغانىستان ۋەكىلى دېىڭ شڭجۇن بىلەن كۆرۈشكەن. بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى تالىبان ۋەكىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن.

مۇشۇ ئاخىرقى يىل ئىچىدە ھىندونېزىيە، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرى تالىباننىڭ ۋەكىللىرىنى دۆلىتىگە رەسمىي شەكىلدە تەكلىپ قىلغان. باشقا دۆلەتلەر بولسا ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى تالىباننىڭ قاتاردىكى ئىشخانىسىغا ئەۋەتىپ كۆرۈشكەن.

بۇ يەردىكى سوئال بولسا، قانداق قىلىپ دۇنيادا «تېررورچى» دەپ ئاتالغان بۇ قوراللىق ھەرىكەت ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە شۇ «تېررورچى» دەپ ئەيىبلىگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ سۆھبەتلىشىشكە چاقىرتىلىدۇ؟

بەزىبىر غەرب سىياسىيونلىرى «سىياسىي ھەرىكەت دېگەن ئۆز ئۈستىگە مەسئۇلىيەت ئېلىش دېگەنلىك، بۇنى پەقەتلا كۈچ (ئەسكىرىي كۈچ) ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەسكىرىي كۈچ بولسا مۇشۇ مەسئۇلىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.» دېگەن ئىكەن. بۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قاراپ چىقىدىغان بولساق بىر مىللەت دۇنيادىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە كۈچلۈك بولۇشنى خالىسا ئۇ مىللەت ياكى دۆلەت ئەسكىرىي كۈچى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.

2019/09/24

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here