خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش سىياسىتىدىكى ئۇيغۇرلاردىن كېيىنكى خۇيزۇلار

0
627

9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان خۇيزۇلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ۋە كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار بولغان مۇسۇلمان نوپۇسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۇزۇندىن بۇيان دۇنيا كۈنتەرتىپىدە بولۇپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزىنىڭ رەزىل سىياسەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن توپلام لاگېرلارنى قۇرۇغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە مۇسۇلمانلارنى «تەربىيىلەش» باھانىسىدە تۈرمىلەرگە سولىغان.

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇندىن بېرى ھىجاپ، ساقال، روزا، ناماز ۋە دىننى ئىلىم ئۆگىتىشكە ئوخشىغان دىننى پەرىزلەر چەكلىنىپ كەلگەن. ئاخىرقى كۈنلەردە بۇ سىياسەت گەنسۇ رايوندىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلارغىمۇ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا سوزۇلغان گەنسۇ رايونىدا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئەزان ئۇقۇش ۋە قۇرئان سېتىش چەكلەنگەن. ۋاشىنگتون پوستا گېزىتىدە تارقالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستاندا شىددەتلىك بىر شەكىلدە ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان «مەسچىتلەرنى چېقىش» ھەرىكىتىنى گەنسۇ رايوندىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە.

بۇ رايوندىكى خەلق، مەسچىت ، مۇنارە ۋە قۇببىلەرنىڭ چېقىلغىننى خەۋەر بەرگەن. خىتاي رەئىسى قانخور شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ياكى ئۆز دائىرىلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارماقتا.

شۇ رايوندىكى مەنبەلەرنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، گەنسۇ رايونىدىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا سېلىنغان لاگېرلارغا ئوخشاش تۈرمىلەر سېلىنغان. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇنىۋېرسال جاسۇسلۇق ماشىنىلىرى چارلاشقا باشلىغان.
بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا رايونلاردىمۇ مۇسۇلمانلارغا ئاستا-ئاستا بۇ سىياسەت ئاستىدا باستۇرۇش ئېلىپ بارماقتا.

ئۆتكەن يىل خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا 16 ياشتىن كىچىك بالىلارغا دىننى بىلىم ئۆگىتىشنى ۋە مەسچىتلەرگە بولسا مەجبۇرى خىتاي بايرىقىنى ئاستۇرۇپ ئەزاننى چەكلىگەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ زۇلۇملارنى باشقا رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارغا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئەرەبچە خەتلەر، لوزۇنكىلار، ياغلىقلار چەكلىنىش بىلەن باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرئان ۋە ھەدىس كىتابلىرىنى سېتىش ۋە 18 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ مەسچىتلەرگە كىرىشى چەكلەنگەن.

خىتايدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى باشقا مىللەت مۇسۇلمانلارغا سېلىشتۇرغاندا ئىبادەت جەھەتتىن ئەركىن ۋە راھەت ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارالايتتى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىمەكتە ۋە دىننى كىملىكىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن مەسچىتلەرنى چاقماقتا. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەردى بىر مىللەت بولماستىن بەلكى شۇ مىللەتنىڭ دىننى كىملىكىدۇر.

2019/09/24

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here