سىنگاپور ئەسكىرىي بازىسىنى ئامېرىكىنىڭ يەنە 15 يىل ئىشلىتىشىگە ماقۇل كەلدى

0
219

9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ ۋە سىنگاپور باش مىنىستىرى لېې خېسىن لوڭ، سىنگاپوردىكى ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئامېرىكىنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتىنى يەنە 15 يىل ئۇزارتىدىغان كېلىشىمگە ئىمزا قويغان.

“The Straits Times” نىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپ ۋە سىنگاپور باش مىنىستىرى لېې، ئامېرىكىدا كۆرۈشكەن. ئىككى باشلىق سىنگاپوردىكى بازىلارنى قوللىنىش توغرىسىدىكى 1990-يىلدا ئىمزالانغان كېلىشىمنى ئۇزاتقان. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، سىنگاپورنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيە بازىلىرىنى ئامېرىكا ئارمىيىسى 2035-يىلغىچە قوللىنالايدىكەن.

سىنگاپور باش مىنىستىرى لېې ئىمزا قويۇشتىن ئىلگىرىكى باياناتتا، ئامېرىكا ۋە سىنگاپور ئارىسىدا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى بارلىقىنى ۋە ئامېرىكا بىلەن بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئامېرىكا پىرىزدنتتى تىرامپمۇ، ئامېرىكا ۋە سىنگاپورنىڭ يېقىن دوست ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. تىرامپ بىلەن لېېنىڭ كۆرۈشۈشىدە رايون ۋە دۇنيا مەسىلىرى بار ئىكەن.

سىنگاپورنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى بولسا، سىنگاپوردا دۇنيانىڭ %25 مېلى ئۆتىدىغان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم دېڭىز بوغۇزلىرىدىن بىرى بولغان، ھىندى ئوكيان ۋە تىنچ ئوكيانغا مال يۆتكەيدىغان مالاكا بوغۇزى باردۇر.  يەنە سىنگاپور ئەتراپىدا ئامېرىكا  دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئىككى دانە يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە ئۇرۇش پاراخوتى بار بولۇپ، بۇ پاراخوتلار مالاكا بوغۇزىنى قوغداش ۋە شۇ تىجارەت لىنىيىسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.

2019/09/25

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here