قىزىل دېڭىزدىكى دۆلەتلەر ئورتاق مانېۋىر ئۆتكۈزدى

0
84

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتكە تەۋە SPA خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقىتىشىچە، قىزىل دېڭىزدىكى 7 دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئورتاق مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن «قىزىل دولقۇن 2» ناملىق ئەسكىرىي مانېۋىرغا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىئوردانىيە، مىسىر، سۇدان، جىبۇتى، يەمەن، سومالى قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەربىي فلوتىنىڭ مۇئاۋىن پولكوۋنىكى ساكېر مۇھەممەد بۇ مانېۋىر توغرىسىدا « بۇ مەشىق قىزىل دېڭىزغا چىگراداش دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەۋەلىكىمىزدىكى سۇلارنى قوغداش ۋە بىر بىرىمىز بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر.» دېگەن.

2019/09/25

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here