ئامېرىكا تۈركىيىنى F-35 پروگراممىسىغا قايتا كىرگۈزمەكچى

0
133

9-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈرۈك خەۋەر ۋاستىللىرىدا تارقالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيىگە ئېغىزاكى F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى توغرىسىدا يېڭى بىر كېلىشىمنى ئوتتۇرىغا قۇيغان.

بۇ خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىسى داۋېد ساتېرفېلىد تۈركىيىگە F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى توغرىسىدىكى يېڭى كېلىشىمنى ئوتتۇرىغا قۇيغاندا بۇ كېلىشىمگە قوشۇپ باشقا بىر تىجارەت كېلىشىمىنى ئوتتۇرىغا قايغان ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ تۈركىيىگە سۇنغان يەنە بىر كېلىشىمىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تىجارەت سوممىسى 100 مىليارد دوللارغا چىقىدىغان ۋە ئامېرىكا تۈركىيىدىن كېرىۋاتقان تۆمۈر ۋە ئاليۇمىنغا قويغان باجنى تۆۋەنلىتىغان بولغان.

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ئەزاسى لېندزى گېراخام 9-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيە پىرىزدنتتى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئەردوغانغا، ئامېرىكا ناتو ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيىنى F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ياساش پروگراممىسىغا قايتا كىرگۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تۈركىينى رۇسىيىدىن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالغان سەۋەبلىك ئۆتكەن 7-ئايدا بۇ پروگراممىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى.

گېراخام ئەردوغان بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەركىن تىجارەت كېلىشىمى توغرىسىدا پاراڭلاشقان. بۇ توغرىسىدا گېراخام مۇنداق دەيدۇ «تۈركىيە بىزگە نىسبەتەن مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش. سۈرىيە مەسىلىسىدىلا ئەمەس بەلكى مۇشۇ رايوندىكى (ئوتتۇرا شەرق) مۇھىم ئىتتىپاقدىشىمىز.»

بەزى مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ يېقىندا تۈركىيىگە سۇنغان بۇ كېلىشىملەرنى رەسمىي يازما شەكىلدە يوللايدىكەن.

بەزى ئانالىزچىلار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن بىر قانچە نۇقتىلاردا ئىختىلاپلىشىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيىگە كۈندىن-كۈنگە يېقىنلىشىپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە. شۇڭا ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم بولغان ئوتتۇرا شەرقتە تۈركىيىدەك مۇھىم بىر دۆلەتنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ. تۈركىيە گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى S-400 توغرىسىدا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە تەھدىتلەرنى سالغان بولسىمۇ ئۆزى بىلگىنىچە S-400 نى سېتىۋالغان. ھازىر بولسا ئامېرىكا S-400 سەۋەبىدىن چىقىرىۋەتكەن F-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ياساش پروگراممىسىغا قايتا كىرگۈزمەكچى دەپ قارىغان.

2019/09/26

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here