خىتاي ئامېرىكىدىن تېخىمۇ كۆپ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى سېتىۋېلىشقا تەييارلاندى

0
109

9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سودا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىشلار يۇمشاشقا قاراپ ماڭدى. خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان شىنخۇادا تارقالغان خەۋەرلەردە، خىتاي ئۆزىنىڭ ياخشى نىيەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن كۆپلەپ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

شىنخۇا تورىدا تارقالغان خەۋەردە، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار ئىچىدە سېرىق پۇرچاق ۋە چوشقا گۆشىمۇ بار ئىكەنلىكى يېزىلغان. ئۇنىڭدىن سىرت باشقا مەھسۇلاتلار ۋەياكى شۇ مەھسۇلاتلارغا قويۇلغان باج توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرىنىڭ سېكرېتارى ستېۋېن مىنۇچىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى 10-ئايدا يېڭىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بەلگىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىل باج قويۇلغان بەزى ماللاردىن باج كەچۈرۈم قىلىدىكەن. باج كەچۈرۈم قىلىنىشتا 437 خىل تۈر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇششاق رەڭلىك چىراغ، سۇلياۋ كالتەك، ئىت تاسمىلىرى، باسما توك يولى تاختىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

خىتاي بولسا، ئامېرىكىدىن 5-6 مىليون توننا سېرىق پۇرچاق ئىمپورتى ئۈچۈن شىركەتلەردىن قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلدى.

بولومبورگ خەۋىرىنىڭ بىر كۈن بۇرۇن تارقاتقان خەۋەرلىرىدە، خىتاي ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىدىغان سېرىق پۇرچاق مىقدارىنىڭ 2-3 مىليون توننا ئىكەنلىكى يېزىلغان. بەزى مەنبەلەردە خىتاي شىركەتلىرى 6-ئايدا ئامېرىكىدىن 1.8 مىليون توننا سېرىق پۇرچاق ئالغان بولۇپ بۇ مەھسۇلاتلار 10-ئايدىن 12-ئايغىچە تاپشۇرۇلىدىكەن.

2019/09/28

يازمىلارغا قارىتا ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ...

Please enter your comment!
Please enter your name here